ئاستانىدا خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي مۇھاجىرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، پايتەخت ئاستانىدا خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تەرىپىدىن 17-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا ۋەكىللەر خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئۇتۇق ۋە نەتىجىلىرىگە مەدھىيىلەر ئوقۇغان. خىتاي يىللاردىن بېرى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ئۆز قوينىغا تارتىش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ خەيرىخاھلىقلىرىغا پەرۋا قىلمىغان ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن.

ئاستانىدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ خەۋەر ۋە رەسىملىرىدىن قارىغاندا، يىغىندا قازاق مۇھاجىرلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن، بۇلار ئاساسەن قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كەتكەن قازاقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ھەركىىتىدە ئانچە ئاكتىپ ئەمەسلىكى مەلۇم . يىغىندا يەنە بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرى ھىجرەت قىلغان بىرنەچچە ئۇيغۇر ۋە تۇنگان ۋەكىلمۇ ئورۇن ئالغان.

بۇلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى مۇھاجىرلار خىزمىتىدە، نوپۇس جەھەتتە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغان ۋە نۆۋەتتە ئالماتا ۋە ياركەنت ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئۆز قوينىغا تارتىشتىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى، قازاقىستاندىكى مۇھاجىرلار ئارىسىدىن شېرىك توپلاشتا نىشان ۋە پىلانلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقى بايقالماقتا.