گۇاڭجۇدىن چىقىدىغان «زېڭچېڭ» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر 19 نەپەر گۇماندار 15-ئىيۇن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارغا «ساقچى خىزمىتىگە توسالغۇلۇق قىلىش، ۋەقە تۇغدۇرۇش ۋە جامائەت مۈلكىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان.
خەۋەردە نامايىش جەريانىدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈنمىگەنلىكى، «ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارمىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
شىنتاڭ رايونىدا تېرىكىچىلىك قىلىدىغان بىر ئېغىر ئاياق ئايال يايمىچىنىڭ ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بالىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، شىنتاڭ بازىرىدىكى ئاققۇن ئىشچىلار نامايىش قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. كېيىن نامايىش يەرلىك گۇاڭدۇڭلۇقلار بىلەن ئاققۇن ئىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى، ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئېغىر ئاياق ئايال ۋە ھامىلىنىڭ تىنچ-ئامان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، نۆۋەتتە قايسى تەرەپنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما، دائىرىلەرنىڭ «ئوتتۇرا شەرقچە نامايىش» يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.