گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇەن شەھىرىدە سائەت زاۋۇتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان

«جەنۇبىي جۇڭگو شەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان بىر سائەت زاۋۇتىدا ئىشچىلار ئىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىش تاشلىغان. بۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بۇ ئايدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىش تاشلاش، دوڭگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان «شىنمىن گۇەنلى» سائەت زاۋۇتىدا ئوتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىش تاشلاشنىڭ قانداق نەتىجىلەنگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بەزى خىتاي بلوگچىلار مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ياپونىيىدىكى بىر سائەت شىركىتى شېرىكچىلىكىدىكى زاۋۇت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشچىلار دەم ئالدۇرالماي سائەتلەپ ئىشقا سېلىنغان.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەخسلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت-كارخانىلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان ھەمدە كۆچمەن ئىشچىلار ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرى. ئۆتكەن ھەپتە گۇاڭدۇڭنىڭ شىنتاڭ رايونىدا ئاققۇن ئىشچىلار نامايىش قىلغان ئىدى.

2008-يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ ئىش ھەققى ۋە خىزمەت مۇھىتى سەۋەبلىك ئىش تاشلىغان ئىدى.