داليەندە يەنە مىڭلارچە كىشى نامايىش قىلىپ، خىتاي نېفىت شىركىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

بۈگۈن خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدە يەنە مىڭلارچە كىشى توپلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەھەر مۇھىتىنىڭ ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا، شەھەردىكى بىر ماي ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى سەۋەب بولغان. پارتلاش بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10دا يۈز بېرىپ، شەھەرنى ئىس-تۈتەك ۋە سېسىق پۇراق قاپلىغان؛ يۈكسەك ئوت يالقۇنى ۋە پارتلاش ئاۋازى شەھەر ئاھالىلىرىدە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە زاۋۇت خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخنىك جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان. يەنە خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، بۇ نېفىت خىمىيە زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان تۇنجى ۋەقە ئەمەس.

ئۆتكەن ئاينىڭ 16-كۈنىمۇ يەنە بىر ماي ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەن؛ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شىركەتكە ئائىت يەنە بىر زاۋۇتنىڭ يۇندا يولىدىن ئېقىپ چىققان زەھەرلىك ماددىلار، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال ھاياتىغا دەخلى قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە داليەنلىكلەر يەنە شەھەردە قۇرۇلغان بىر پلاستىك زاۋۇتىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە دائىرىلەر نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر زاۋۇتنى تاقاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى نامايىشتا 3 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ كەچكە يېقىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ئۇلار يۇقىرىغا ئەرز قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.