ۋۇكەننىڭ بۇ تەجرىبىسىدىن ئىلھاملانغان، مەزكۇر شەھەرنىڭ ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرمۇ بىر ھەپتىدىن بېرى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليەنتاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەر، بىرقانچە كۈندىن بېرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئەسلىدە كەنتكە تەۋە بولغان، ئەمما سېتىۋېتىلگەن يەرلەر ھەققىدە ھېساب بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
كەنت باشلىقلىرى دەسلەپتە قاتتىق-يۇمشاق چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلماسلىققا قىستاپ باققان بولسىمۇ، كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان دائىرىلەر، مۇشۇ چارشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئاھالىلەرگە ئاشكارا مەلۇمات بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر، چارشەنبە كۈنى 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مەلۇماتنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەر جاۋاب قانائەتلىنەرلىك بولمىسا، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.