خوڭكوڭغا جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇشتا جەمئىي 50 ئادەم يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر چاڭجياڭ دەرياسىغا بىر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى 2012- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
ئەگەر، مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، شياڭجيابا توسمىسى ئەتراپىدىن 100 مىڭ ئادەم كۆچۈرۈلىدىكەن.
نۆۋەتتە شياڭجيابا توسمىسى قۇرۇلۇۋاتقان رايونىدىن كۆچۈرۈلىدىغان ئامما، ئۆزلىرىگە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىدىن نارازى بولۇپ، نامايىش قىلغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى يۆتكىگەن. توقۇنۇشتا يارىلانغان 50 ئادەمنىڭ 20 نەپىرى ساقچى ئىكەن.