بۈگۈن ئۈرۈمچىدە 1000 ئەتراپىدا خىتاي كالتەك چوماق بىلەن 'يۈرۈش' باشلىغان

تۈنۈگۈندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا جاۋابەن، 6 ‏- ئىيۇل كۈنى ئىنتىقام ئېلىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېلېفون يوللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ تۇرۇشى، ئىنتەرنەتنىڭ توختىتىۋېتىلىشى سەۋەبىدىن، ۋەقەنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانمىغان ئىدى. بۈگۈن، خەلقارا مەتبۇاتلار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىشكە باشلىدى. ئەمما خەۋەرلەردە، ھۇجۇمنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 ئەتراپىدا، 1000 ئەتراپىدىكى خىتاي، قوللىرىدا كالتەك - چوماق ۋە گۈرجەك كۆتۈرگەن ھالدا، ئۈرۈمچىنىڭ خەلق مەيدانىدا تولۇشۇپ يۈرۈش باشلىغان.

ئۇلار يول بويىدىكى ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ تاختىلىرىنى تېپىپ ئۆرۈگەن، مەسچىتكە ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئالدىنى توسىغان. ھۇجۇمچىلار مەسچىتكە يېقىنلاشقاندا، مەسچىت ئەتراپىدا ئىس-تۈتەك پەيدا بولغان. خەۋەردە بۇ ئىس - تۇتەكنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىلغان كۆز ياشارتىش بومبىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يۈرۈشنىڭ داۋامغلىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھازىرغا قەدەر بولغان خەۋەرلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە دەرىجىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن ئىگەللىشىچە، تۈنۈگۈندىن بېرى ئۈرۈمچىدىكى تىبابەت ئونۋىرسىتى، مالىيە ئونۋىرسىتى قاتارلىق ئونۋىرسىت ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا، مەھەللىلەردە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بېرىۋاتقانلىقى؛ ھەر ۋاقىت سۈركىلىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىنىڭ ئاتبەيگە رايونى ۋە كونسۇل كوچىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، خىتاي ھۇجۇمچىلارغا قارشى ھازىرلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مالىيە ئونۋىرسىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، خىتاي ھۇجۇمچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.