خىتاي، ناتونىڭ پاكىستان ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن چۈچۈگەنلىكىنى بايان قىلدى

ناتو قىسىملىرى شەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى بىر نىشانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 24 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 13 نەپىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لىي بۈگۈن بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمدىن قاتتىق چۈچۈگەنلىكىنى بايان قىلدى. پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن تەۋەلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي باياناتچى، مەزكۇر ھۇجۇم ھەققىدە ئەستايىدىل بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇ تەكشۈرۈشنىڭ كىم ياكى قايسى ئورگان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.28


ناتو قىسىملىرىنىڭ شۇ كۈنكى ھۇجۇمىدا تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇشچى ئايروپلانلار ئىشقا سېلىنغان. ھۇجۇم، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارمىيىسى پاكىستاننىڭ پەنجاپ ۋىلايىتىدە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى مەشق قىلىپ، مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ناتو قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋازىرىسىتاننىڭ موھماند قەبىلەر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ۋە پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى مانېۋىرى بولسا، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ جەھلۇم دېگەن جايىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى جاينىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە 500 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.