خىتاي نېفىت گۇرۇھى ئەنگىلىيىدىكى يەرشارى دىنامىكا شىركىتى - رولىس رويس شىركىتى بىلەن توختام تۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، توختامدا رولىس رويس شىركىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇچۇن 120 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بېسىم ئاشۇرغۇچ سېتىپ بېرىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.02

مەزكۇر بېسىم ئاشۇرغۇچ، تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ گاز يەتكۈزۈش بېسىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئات كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدىن باشلاپ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلى قورغاس رايونىدىن خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە تۇتىشىدىغان مەزكۇر لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 170 مىليون كۇبمېتىرغا يېتىدىكەن.

خىتاي نېفىت گۇرۇھى، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گازى قىزىۋاتقان خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت شىركىتى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گازلىقلار مەزكۇر شىركەت ئىگىدارلىقىدا. خىتاي نېفىت شىركىتى 2004 - يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسىنى پۈتتۈرگەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمدىكى چوڭ شەھەرلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.