19 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى، مەركىزى سۇداندىكى ئەبيەئى رايونىغا جايلاشقان جەنۇبىي كوردوفان تەۋەسىدىن 9 نەپەر خىتاي نېفىت ئىشچىسى نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنى ئەرەبلەرنىڭ مەزكۇر رايوندىكى مەسسەرىيە قەبىلىسىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىشچىلار سۇداندا نېفىت قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئىشچىلىرى ئىكەن.
ھازىر سۇداننىڭ ئەبيەئى رايونىدا خىتاي، سۇدان، ھىندىستان ۋە مالايشىيا قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ "كاتتا نىل نېفىت مەشغۇلات شىركىتى" ناملىق بىرلەشمە نېفىت شىركىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەت كۈنىگە 300 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
سۇداننىڭ ئەبيەئى رايونى، نىزا قاپلىغان دارفۇر رايونىغا قوشنا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى يەرلىك خەلق خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.