بۇ سۆزلەرنى 2009 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمانىيىلىك يازغۇچى ھېرتا مۇېللېر شەنبە كۈنى شۋېتسىيىدە چىقىدىغان «داگېنس نيھەتېر گېزىتى» گە بىلدۈرگەن.
ھېرتا مۇېللېر ماۋ يەننىڭ ماۋزىدوڭنىڭ «ئەدەبىيات - سەنئەت چوقۇم كوممۇنىستىك پارتىيىنى قوللىشى كېرەك» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر نۇتقىنى قولىدا كۆچۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇنى ئەيبلىگەن.
گېزىتتە نەقىل قىلىشىچە ھېرتا مۇېللېر مۇنداق دېگەن: ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۆزىمۇ ماۋ يەننى ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرى بىلەن ئوخشاش دەيدۇ. ئۇ، پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلەشنى قوللايدۇ. بۇ مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشى كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ.
ئۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن ئىبارەت بۇ نوپۇزلۇق مۇكاپاتنىڭ ماۋ يەنگە بېرىلگەنلىكىگە غەزەپلىنىپ يىغلىغۇسى كەپكەتكەنلىكنى ئېيتقان.
ھېرتا مۇېللېر ئەسلى رۇمىنىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن گېرمانىيىگە يەرلەشكەن. ئۇنىڭ رۇمىنىيىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر ئىپادىلەنگەن «يېشىل ئالۇچىلىق تۇپراق» ناملىق رومانى داڭلىقتۇر.