ساقچىلار مو شاۋپىڭغا ئېنىق ھالدا ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ مو شاۋپىڭنى ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغىلى كېتىۋاتىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن توسۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە غەرب دۆلەتلىرىگە نورۋىگىيىدىكى نوبىل مۇراسىمغا ۋەكىل ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە تەلەپ سۇنغاندا، ئوخشاش تەلەپنى ياپونىيىگىمۇ سۇنغان بولۇپ، بۈگۈن ياپونىيە باش مىنىستىرى نوبىل مۇكاپاتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نوبىل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن نورۋىگىيىدىكى فرانسىيە باش ئەلچىسىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. نوبىل كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىنى ھېلىھەم ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەزكۇر مۇراسىمغا دىپلوماتىك ۋاستىلار ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلىشتىن باشقا، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، نوبىل مۇكاپاتى خەۋەرلىرىگە قارىتا ئاخبارات چەكلىمىسىنى داۋام قىلماقتا.