نورۋېگىيە خىتاينىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەن رىئاكسىيىسىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوناس گاخرى ستوئېر جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىگە كۆرسەتكەن رىئاكسىيىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نوبىل كومىتېتىنىڭ بىر جىنايەتچىنى مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاي - نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا نورۋېگىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت دەرىجىلىك بەزى ئۇچرىشىشلارنى بىكار قىلغان ئىدى.

ستوئېر جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ئەسكەرتىپ، "خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشتە، نورۋېگىيىلىك خىتاي بىلەن ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەردىكى كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى"نى، لېكىن "خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە نوبىل مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەن رىئاكسىيىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. ستوئېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ يەنە خىتاي باش ئەلچىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نوبىل كومىتېتىنىڭ قارارىغا كۆرسەتكەن رېئاكسىيىسى سەۋەبىدىن ئىككى ئەلنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋىتى ۋە مەنپەئەتى زەخمىگە ئۇچرىسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېيجىڭ تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى"نى ئېيتقان.

نوبىل كومىتېتىنىڭ 5 كىشىلىك ئەزاسى نورۋېگىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن سايلانسىمۇ، لېكىن مەزكۇر كومىتېت نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن خالى مۇستەقىل پائالىيەت قىلىدىغان ئورگاندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نوبىل كومىتېتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نورۋېگىيە بېلىقچىلىق مىنىستىرىنىڭ بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمەت زىيارىتىنى بىكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نورۋېگىيىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار زىيارەتلىرى بېيجىڭ تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ئىدى.

ستوئېر جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شياغا قارىتىلغان نەزەربەنتنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.