خىتايدىكى نوپۇس تۈزۈمى 16 مىليون ئۆسمۈرگە زىيانكەشلىك قىلىدىكەن
2013.02.10
ئامېرىكا «CNN» تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىكى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى قاتتىق نوپۇس تۈزۈمى سەۋەبلىك ياقا يۇرتلاردا ئىشلەيدىغان ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ كېتەلمەي ئۆز يۇرتلىرىدا قېلىپ قىلىشقا مەجبۇركەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئۆسمۈرلەر ئاتا - ئانىلىرى بىلەن ئەگىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاتا - ئانىسى تۇرۇۋاتقان شەھەرلەردە ھەر خىل كەمسىتىشكە ئۇچۇرمايدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كېيىن خىتايدا زوراۋانلىق تۈسىدىكى جىنايەتلەرنى كۆپ سادىر قىلىدىغان گۇرۇھقا، ياكى جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىن يۈرۈشىنى بوغىدىغان نوپۇس تۈزۈمى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلىدىن كېيىن مەزكۇر تۈزۈمنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كۈچەيتىپ يولغا قويغان.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى نوپۇس تۈزۈمنى «ئىچكى پاسپورت تۈزۈمى» دەپ ئاتىغان ۋە بۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى قىلىدىغان تۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ تۈزۈم بويىچە يېزا نوپۇسىدىكى پۇقرالار شەھەرلىكلەر بەھرىمەن بولغان تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولمايدىكەن.
بۇ خىل تۈزۈم ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بەك قاتتىق يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ 2009 - يىلدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تېخىمۇ چىڭىتىلدى.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى كۈزدە قانۇن ماقۇللاپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشىنى ھەسسىلەپ قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.