كېلەر ھەپتىدىكى مەملىكەتلىك سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى چوڭ، دەپ قارالغان ئوبامانىڭ سۆزى بۇشنىڭ ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدىن بېرى خىتاينى پۇل قىممىتىنى مونوپولىيە قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزمەسلىك سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي زىتتۇر.
خەتتە ئوباما مۇنداق دېگەن؛ "خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. بۇ تاشقى پېرىۋوت سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. ئېكسپورت سودىسىغا تايىنىشنى ئازايتىپ، ئىچكى بازارغا تايىنىشنى كۈچلەندۈرۈشى زۆرۈر."
خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتى ئامېرىكا كارخانىلىرى، بولۇپمۇ توقۇمچىلىق كارخانىلىرى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى مونوپولىيە قىلىپ، ئېكسپورتنى جانلاندۇرىۋاتقانلىقى، بۇ ئامېرىكا توقۇمچىلىق كارخانىلىرىغا زور بېسىم شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.
ئوباما خېتىدە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولسا "پۈتۈن دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، خىتاينى بۇ سىياسەتنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توقۇلما ماللارنىڭ " قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولماسلىقى" غا نازارەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا كېرەكلىك توقۇلما بۇيۇملار ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۆلچەمنى قوللايدىغانلىقى، ئامېرىكا سودا قانۇنىدىكى 421 - ماددىسىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا جىددى بىخەتەرلىك تەدبىرى قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئوبامانىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، "جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا پاسسىپ بالانسىنىڭ تۈپ سەۋەبى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ،" بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش تەسىرى ئاستىدا ئىگىلىكنىڭ قايتا تەقسىماتىدۇر. لېكىن جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىنى باراۋەرلىك، ئۆز ئارا چۈشىنىش، دوستانە سۆزلىشىش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ،" دەيدۇ.