ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خىتاي ئۆكتىچى زات فاڭ لىجىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋىكتورىيا نۇلاند بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتاقلىق ئاستروفىزىك ئالىمى ۋە ئۆكتىچى زات فاڭ لىجىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە توختىلىپ، فاڭ لىجىنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ۋىكتورىيا نۇلاند سۆزىدە، فاڭ لىجىنى خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ چېمپىيونى دەپ ئاتىدى.

فاڭ لىجى 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قوزغىغان ھەم ئىلىم ھەم سىياسىي ساھەدە زور تەسىرگە ئىگە ئۆكتىچى زاتتۇر.

ئۇ ئەينى چاغدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چىرىكلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرى بىلەن دىققەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. 4-ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىلغا قەدەر داۋام قىلغان دىپلوماتىك بېسىملىرى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى فاڭلىجىنى ئاتالمىش «چەتئەلدە داۋالىنىش» قا قويۇپ بەرگەن ئىدى.