ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى ناۋىي پىلاي بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن، جۈملىدىن ئۆكتىچى زاتلارنىڭ تەقدىردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۆكتىچى چېن شى توربەتلەردە ئېلان قىلغان 36 پارچە ماقالىسى سەۋەبلىك، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
چېن شى سوت كۈنى ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ جىنايىتىنى رەت قىلغان، ئەمما سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىنمۇ ۋاز كەچكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، چېن شى 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگىمۇ قېتىلغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدىمۇ ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىل قاماقتا ياتقان. بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم جازالىنىشىدۇر.
ب د ت كومىسسارى ناۋىي پىلاي بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، مەھبۇسلار ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى تىنچ يولدا ئىشلەتكەن ئۆكتىچىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ناۋىي پىلاي خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە ب د ت خادىملىرىدىن بىرى. خىتاي ب د ت نىڭ بۇ خىل چاقىرىقلىرىغا ئىزچىل قۇلاق يوپۇرۇپ كەلمەكتە.