خىتاي: 'ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماقتا'

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان خىتاي دېموكرات ليۇ شاۋبو ھەققىدە چارشەنبە كۈنى خىتايدا سوت ئېچىلغان بولۇپ، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىرلىشىپ ليۇ شاۋبونىڭ سوتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن سوتقا كىرىشكە تىرىشقان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سوتنىڭ قارارى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلسىىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان غەرب دۇنياسىدا روژدېستوۋا بايرىمى بولىدىغان كۈنگە توغرا كەلگەن.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ليۇ شاۋبونىڭ سوتىنى غەرب دۆلەتلىرىدە روژدېستوۋا بايرىمى تەبرىكلىنىدىغان جۈمە كۈنىگە توغرىلىشىنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇلار : "خىتاي بۇ ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ سوتىغا بولغان دىققىتىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاينىڭ ليۇ شاۋبونى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشى چوڭ دۆلەت بولۇشقا لايىق بىر ئىش ئەمەس" دېگەن.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا غەرب دۆلەتلىرىنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ:" ليۇ شاۋبو دېگەن خىتاي پۇقراسى، خىتاي ئۇنى قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكلىرى بۇ ھەقتە بايانات بەرمەكتە. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ" دېدى.

بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن داڭلىق يازغۇچى ليۇ شياۋبو خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى كۈزدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللانغان "2008 نىزامنامىسى"نى تەييارلىغۇچى ۋە بۇنىڭغا قول قويغۇچىلارنىڭ بىرى.

ليۇ شياۋبو 2008 - يىلى دېكابىردا ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى قويۇپ بېرىلمىگەن ۋە 7 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 2009 - يىلى 6 - ئايدا جىنايىتى بەلگىلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ جىنايىتى "پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ، تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش" دەپ بەلگىلەنگەن.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سوت ليۇ شاۋبونى جىنايەتچى دەپ قارار چىقارسا، ئۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.