خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىخانىلاردا ئۇيغۇر ساقچىلار كۆپەيتىلمەكتە

خىتاي مىللەتلەر ژۇرنىلىنىڭ 15 نويابىردىكى سانىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىخانىلاردا ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.11.15

خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىخانىلارغا ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشىدىكى سەۋەب چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ساقچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىلارغا ياردەملىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېقىپ يۈرگەن سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يىغىۋېلىش ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى يانچۇقچىلىق قىلىشقا زورلىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ بولغان مەھەللىلەردىكى ساقچىخانىلارغا، ئۇيغۇر ساقچىلار يۆتكەپ كېلىنگەن.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىخانىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلىرى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلگەندەك، سەرگەردان بالىلارنى يىغىۋېلىش، يانچۇقچىلارغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن قېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى زەربە بېرىش، تۇتۇش نىشانى قىلغان بولۇپ، بۇ ساقچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا زەربە بېرىشتە ئىز قوغلاپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.