رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن SAT ۋە ACT قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتناشقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردا، بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئېغىر ساختىلىق ئەھۋاللىرى بايقالغان. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ قەغەزدىكى نومۇرى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالى ئارىسىدا زور پەرق كۆرۈلۈشتەك بۇ ئەھۋالنىڭ نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىنىشى ئالاقىدار دائىرىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىغا كېلىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتتىن كېلىدىكەن. يۇقىرىدىكى باشقارمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، خىتايدىن ئامېرىكىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئىمتىھاندا رەسىملىك كىملىك تەكشۈرمەيدىغان يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، باشقا بىرىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزگەن ياكى يالغان ماتېرىيال ھازىرلىغان. نەتىجىدە ئىنگلىز تىلىنى سىناق قىلىدىغان توففېل ئىمتىھانىدا ئىنتايىن يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بولسا ئەمەلىيەتتە بىر ئېغىزمۇ ئىنگلىزچە گەپ قىلالمايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ خىل ئەھۋالنى ئەڭ ئاز سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھان مەيدانىدا رەسىم تارتىش، كىملىك تەكشۈرۈشكە ئوخشاش بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلاشماقتا. ئەمما ئۇلار بۇ تەدبىرلەرنىڭ ساختىپەزلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك توسۇپ قالالايدىغانلىقىدىن يەنىلا ئۈمىدسىز.