مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى نۆۋەتلىك "شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار" خىزمەت پىلانىنى ئىشقا سالغاندىن كىيىن، تۇنجى تۈركۈم ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك " شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى" پىلانى 2002 - يىلى يولغا قويۇلغان بۇ خىلدىكى خىزمەت پىلاننىڭ داۋامى ئىكەن.
2003 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە بولغان بىرىنچى نۆۋەتلىك خىزمەت پىلانى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە 6 مىڭ " قوش تىل" ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق خىتاي رايونلىرىدىن 400 خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 44 مىليون 600 مىڭ يۈئەن مەبلەغ ئاجراتقان. 2009 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە، بېيجىڭ تيەنجىن، شاڭخەي ۋە جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە رايونلاردىن ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى يۆتكەپ كېلىنىدىكەن.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 2000 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى " خىتاي تىلى سەۋىيىسى" ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن تۈركۈملەپ ئىشتىن بوشىتىپ كەلمەكتە ئىدى.