خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئارىسىدىكى كېلىشىم خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ كېۋەز، تەبىئىي گاز، ئۇران ۋە باشقا مىنېرال بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىش ۋە تۈركمەن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى 3-لىنىيىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈپ، قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىغا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم ئەزىموف جۆمە كۈنى مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزبېكىستانغا خىتايدەك ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەۋسىيە قىلىش ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق بېسىمى ئىشلىتىش بىلەن تەنقىد قىلغان.
ئۆزبېكىستاننىڭ بېريۇسسل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستانغا ئېمبارگو قويۇشى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ 2005-يىلى يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلىشى بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئىدى.
كەرىموف يېقىندا ئاخىرلاشتۇرغان خىتاي زىيارىتىدە يەنە، خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بولىۋىيە قانىلى قۇرۇپ، پروگرامما تارقىتىشى ۋە خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىگە ماقۇل بولغان.
خىتاي بولسا ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان ھۆكۈمەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ، مەزكۇر ياردەم پۇلى بىلەن خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ھازىرقى 120 دىن بىر ھەسسە كۆپەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.
رۇسىيە «مۇستەقىللىق» گېزىتى خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى بۇ خىل ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى رۇسىيىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.