خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتتى

بۈگۈن چىڭخەي ئۆلكىسى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى چىڭىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىڭخەي گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە دائىرىلەر بۇندىن كېيىن كوچىلاردا چارلاش ساقچىسى ۋە ھەربىيلەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، چەتئەللىكلەرنىڭ تىبەت راھىبلىرى مەركەزلىك جايلاشقان توڭرېن رايونىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن تەكشۈرۈش بېكەتلىرى قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.


بۇنىڭدىن سرت ئۇلار يەنە، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالماقچى بولغانلار، قۇتراتقۇچىلىق قىلغانلارنى پاش قىلغانلارنى، كىشىلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرمەسلىككە ئۈندىگەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۆزىگە ئوت قويغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ بارغانلارنى بولسا تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىقتىسادىي جازالار بىلەن جازالاش بىلەن تەھدىت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقىدەك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇپ كەلمەكتە. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.