كالىفورنىيادا 9 جايدىكى شەھۋانىيلار ئوۋىسى تازىلاندى
تەيۋەننىڭ 'دوڭسېن خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن كالىفورنىيا ساقچىلىرى 3 - ئىيون كۈنىدىن باشلاپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ساندىئاگو شەھەرىدە، خىتايلار يىڭنە سانجىش، بەدەن ئۇۋىلاش دېگەن نام بىلەن شەھۋانىيلىق تىجارەت ئاچقان 9 ئورۇننى تازىلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى بۇلغاۋاتقان بۇنداق مەينەت تىجارەتنى ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزۈتۈپ - تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان تازىلاشتا تۇتۇلغان 22 نەپەر خىتاي خوتوننىڭ 6 سىى تۈرمىگە ئېلىندى، ئۇنىڭ ئىككىسى قانۇنسىز كۆچمەن ئىكەن. قالغان 16 سىى جەرىمانە قويغاندىن كاپەلەتكە بېرىلدى.