خىتاي-پاكىستان ھەربىي مانېۋىرىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ بىر ئۇچقۇچى ئۆلدى
2011.11.14
ۋەقە بۈگۈن پايتەخت ئىسلامئابادتىن 65 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئاتوك شەھىرىدە يۈز بەرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە ئايروپىلاندا تېخنىكىلىق مەسىلە چىققانلىقتىن يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قولىدا ئامېرىكىنىڭ F-16 ۋە فرانسىيىنىڭ Mirages تىپلىق ئايروپىلانلىرىدىن باشقا، خىتايدا ئىشلەنگەن F-7PGs ۋە A-5s تىپلىق ئايروپىلانلارمۇ بار.
گەرچە پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى تېخنىكىلىق مەسىلە چىققان ئايروپىلاننىڭ قايسى تىپلىق ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ چوقۇم خىتايدا ئىشلەنگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
بۇ نۆۋەتلىك خىتاي-پاكىستان ھەربىي مانېۋىرى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان. مەزكۇر ۋەقە مانېۋىرنىڭ تۇنجى كۈنى يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقىسى خىتاي-پاكىستان بىرلىكتە 2004-يىلىدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ 4-قېتىملىقىدۇر.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ غايىلىرىدىن بىرى پاكىستان ۋە ئافغانىستان تاغلىرىدا ھەربىي تەلىم كۆرۈۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان پىدائىيلىرىغا ھەيۋە كۆرسىتىشتۇر.