خىتاينىڭ پاكىستانغا ۋاقتى ئۆتكەن تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يادرو ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىش پىلانى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى

خىتاينىڭ ياپونىيىدە يۈز بەرگەن يادرو قازاسىدىن كېيىنمۇ پاكىستانغا 1970-يىللارنىڭ تېخنىكىسى بىلەن يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىش پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇشى خەلقئارانىڭ ئەندىشىنى كۈچەيتتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.03.25

خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى چەشمە يادرو ئىستانسىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشى، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن 11-مارت يادرو قازاسىدىن بۇرۇنلا خەلقئارا جەمئىيەتنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. لېكىن، ياپونىيىدىكى يادرو قازاسىدىن كېيىنمۇ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ چەشمىدىكى يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشىنى داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر چەشمە يادرو ئىستانسىسىدىكى رېئاكتور قازانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، جۈملىدىن خىتايلار پىلانلىغان 3-ۋە 4-نومۇرلۇق رېئاكتور قازانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر رېئاكتور قازانلىرىنىڭ 1970-يىللارنىڭ تېخنىكىسى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كارنىگېي خەلقئارا تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش ئورنىنىڭ ئاتوم سىياسىتى مۇتەخەسسىسى مارك خىببس، خىتاينىڭ پاكىستاندا قۇرۇۋاتقان يادرو رېئاكتورلىرىنىڭ ناھايىتى كونا سېخىما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي پاكىستانغا ياردەم قىلىپ، رېئاكتور قازىنى قۇرۇپ بەرسە، يۇقىرىقى كونا سېخىمىنى ئىشلىتىدۇ دېگەن.

ياپونىيىدىكى يادرو قازاسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇشىنى چوقۇم باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش پىكرى كۈچەيگەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي يادرو مۇتەخەسسىسلىرىدىن، جۇڭگو قورال-ياراقلارنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى خۇڭ، خىتاينىڭ چەشمىدىكى يادرو قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە خەلقئارا نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمەي، پەقەت خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن بولغان يادرو ھەمكارلىقى خەلقئارا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش ئاساسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.