بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر پىدائىيلارغا قارشى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. راھمان مالىك يەكشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە، پاكىستاننىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پىدائىيلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بىر قىسىمنى بولسا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
راھمان مالىك يەنە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاينى «يامان كۈنلىرىمىزدە ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىللە» دەپ مەدھىيىلىگەن.
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۇجۇمدا پاكىستان جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئارازچىلىق بىر بالداق يۈكسەلگەن ئىدى.
خىتاي مىنىستىرنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ مانا بۇ مەزگىلگە توغرا كېلىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ يەنە بىر دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
