پاكىستان خىتايدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالماقچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.18
2010.11.18
پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى قامار سۇلايمان بۈگۈن "خىتاينىڭ رادار سېسىتىمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ئىككى دۆلەت ئورتاق ياساپ چىققان كۈرەشچى ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن"، دېگەن. ئۇ يەنە پاكىستاننىڭ قورال - ياراقلىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ پاكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ھېچقانداق باشقا بىر دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ھىندىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا پرېىزىدېنتى باراك ئوباما يېىقىندا ھىندىنستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى قۇدرەتلىك بىر دۆلەت دېگەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسزلىك كىڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئامېرىكىدىن 10 س -17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى.