مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن 500 دەك ئەسكەر قاتناشقان. بۇ بەزى ئانالىزچىلاردا پاكىستان بىلەن خىتاي ۋەزىرىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان جىھادى قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتامدۇ - قانداق، دېگەن گۇمان قوزغىغان.
بىراق خەۋەرلەردە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ پاكىستان تېررىتورىيىسىدىكى ش ت ئى ھەرىكىتى كۈچلىرىگە قارشى رەسمىي ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە پەيشەنبە كۈنكى مانېۋىرغا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى، گېنېرال ئاشفاق پەرۋەز كايانى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى خو شۇسەننىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. كايانى ئاخبارات ساھەسىگە ئەسكەرتىپ، «بىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق. بىز ناھايىتى زىچ ھەمكارلىق ئېلىپ باردۇق ۋە ئىستىخبارات ئالماشتۇردۇق» دېگەن. لېكىن، ئۇ قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بارغانلىقى، قانداق ئىستىخبارت ئالماشتۇرغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.