خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ نىڭشيادا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانېۋىرى "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"گە قارىتىلغان

پاكىستان بىلەن خىتاي ئۆتكەن شەنبە كۈندىن باشلاپ نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭتوڭشيا دېگەن يېرىدىكى لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ بىر مەشق مەيدانىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىشپ بېرىشقا باشلىغان.

مانېۋىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى تەقلىدى مانېۋىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى بۇ تۈرلۈك ھەربىي مانېۋىرىنى 3 - قېتىم ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، مانېۋىرغا ھەر بىر تەرەپنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىسىملىرىدىن 113 ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىرنىڭ نىڭشيادا ئۆتكۈزۈلۈشى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئەينەك" گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مانېۋىرنىڭ نىڭشيادا ئۆتكۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرۈپ، مانېۋىرنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب چىڭتوڭشيا رايونىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان قەبىلىلەر رايونىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى، مانېۋىردا پاكىستان - ئافغانىستان قەبىلىلەر رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەشقى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى 6 - ئىيۇلدىن 10 - ئىيۇلغا قەدەر خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

پاكىستاننىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى مەسۇد خان زەردارىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ زىيارەت ئارقىلىق "پاكىستان بىلەن خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئالغا سۈرۈش، خەلقئارا مۇنبەر ۋە تەشكىلاتلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ" دېگەن.