پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاينى زىيارەت قىلماقتا

پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىپ ئەلى زەردارى ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلماقتا. بۇ پاكىستان پرېزىدېنتىنىڭ يېقىنقى 4 ئايدىن بۇيان ئىككىنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، زەردارى بېيجىڭدە 'پاكىستان ھازىر دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كىرزىستا ئېغىر رېقابەتكە دۇچ كەلدى، ئەمدى پاكىستان بىلەن خىتاي بىر يولدا تېخىمۇ يېقىن تۇرۇپ مېڭىشى كېرەك' دېگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سودا، دېھقانچىلىق، ئېنىرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ ئۇچۇر منىسىتىرى ۋەلى ئاچى تۈنۈگۈنلا تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دوسلۇقىنى 'ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە ھەممە جەھەتتىن سىناقتىن ئۆتكەن دوسلۇق' دەپ قىزغىن مەدىھىيىلەشكە باشلىغان ئىدى.