پاكىستان بىلەن خىتاي 'تېررورلۇققا قارشى' ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارماقچى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، "دوستلۇق" دەپ ئىسىم بېرىلگەن بۇ ھەربىي مانېۋىر بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. مانېۋىرغا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى ئاسىف ئالى زەردارى 6 - ئىيۇلدىن 11 - ئىيۇلغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. تېخى يېقىندىلا خىتاي دائىرىلىرى پاكىستانغا خەلقئارا ئۆلچەملەر ئاساسىدا يادرو رېئاكتورى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا بۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولغان ئىدى.
پاكىستان خىتاينىڭ رايوندىكى ئەڭ ياخشى شېرىكى. پاكىستان دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش، ئۇلارنى تېررورچى گۇمانى بىلەن تۇتۇش ھەتتا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك ھەرىكەتلەردە بولغان ئىدى.
بۇ قېتىم ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى "تېررورلۇققا قارشى" دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىشىمۇ ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.