خىتاي پاكسىتان بىلەن بولغان يادرو تىجارىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى

خىتاي پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو تېخنىكىسى ئۈستىدە سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىدى. پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ خىتاي بۇ يىل 3 - ئايدا پاكىستانغا ئىككى يادرو رىئاكتورى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتايغا ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرنىڭ" : ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ يادرو ھەمكارلىقىغا قارشى ھىنىدىستانمۇ ئۆز ئالدىغا تەدبىر ئېلىشقا باشلاپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟ " دەپ سورىغا سوئالىغا جاۋاب بېرىپ " : خىتاي بىلەن پاكىستان ئەزەلدىنلا يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنلىقى ھەرگىزمۇ 3 - بىر دۆلەتنى نىشان قىلغان ئەمەس " دېگەن.

ئەمما، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا يادرو مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت