خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرنىڭ" : ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ يادرو ھەمكارلىقىغا قارشى ھىنىدىستانمۇ ئۆز ئالدىغا تەدبىر ئېلىشقا باشلاپتۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟ " دەپ سورىغا سوئالىغا جاۋاب بېرىپ " : خىتاي بىلەن پاكىستان ئەزەلدىنلا يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنلىقى ھەرگىزمۇ 3 - بىر دۆلەتنى نىشان قىلغان ئەمەس " دېگەن.
ئەمما، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا يادرو مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن ياكى سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.