خىتاي پاراسىل ئاراللىرىدا پورت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي تالاش-تارتىشتىكى پاراسىل ئارىلىغا پورت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆلىمى 3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ پورت، پاراسىل ئاراللىرىنىڭ خەينەن ئۆلكىسىگە يېقىن جايدىكى دېڭىز يۈزىگە قۇرۇلىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ قارارىنىڭ فىلىپپىن-خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تىركىشىشنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا «پاراسىل ئاراللىرى ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى. بۇنى خەلقئارادا تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق» دېگەن.

خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، فىلىپپىن، برۇنىي، ۋيېتنام، مالايشىيا ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر ئەھۋال. گەرچە ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سوتتا ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خىتاينى سۆھبەتكە چاقىرسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.