بۇ دېڭىز رايونىغا كىرىش گەرچە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى تالاش-تارتىشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ دېڭىز رايونىدا كۆرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشىدا، ياپونىيىنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرىغا ئائىت تىك ئۇچارلار ۋە كىچىك تىپلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ پاراخوتلار ئاخشام سائەت 6-7 ئارىسىدا بۇ دېڭىز رايونىغا كىرگەن بولۇپ، ياپونىيە دائىرىلىرى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ھازىر پاراخوتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن رايونغا كىرگەنلىكى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشلىق دۆلەتلەر ئىككى دۆلەتنى مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى. ئەمما ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئىنتايىن كەسكىن.
ياپونىيە ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ سۈلھ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، خىتايمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ تارىختىن بېرى خىتايغا تەۋەلىكىنى ئېيتتى.