خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پارچىلانماقتا

رادىئومىز مۇخبىرى ۋېنجيەننىڭ خىتايدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا 'ماۋزېدوڭچى پارتىيە' دەپ ئاتالغان بىر پارتىيە ئاشكارىلانماقتا. بۇ گۇرۇھ خىتايدا ھازىر ھوقۇق تۇتىۋاتقان كىشىلەرنى'ساختا كومپارتىيە'، 'شيوۋىنىستلار' دەپ ئاتايدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-01-31
Share

30 يىللىق ئىسلاھاتنى 'كاپىتالىزمنى تىرىلدۈرگەنلىك' دەپ قارايدۇ ياكى بۇ سۆزنى قىسقارتىپ 'چوڭ تىرىلدۈرۈش' دەپ ئاتايدۇ. بۇ گۇرۇھ ھازىر خەلقنى ساختا كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە ئۆزىنى 'ماۋزېدوڭچى پارتىيە' دەپ ئاتىغان بۇ گۇرۇھ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىغە چىقارغان 'مۇراجىئەتنامە' ىسىدا، ھازىر ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان كوممۇنىستلارنى چىرىكلەشتى، ھوقۇقنى خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، ھوقۇقنى تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى، خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى چېقىۋاتىدۇ، ئەرزىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇردى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' گە ئىمزا قويغان زىيالىيلارنى بولسا 'ۋەتەن خائىنلىرى' دەپ ئاتىغان.

مۇخبىرىمىزغا بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر 'ماۋزېدوڭچى پارتىيە' دەپ ئاتالغان بۇ گۇرۇھنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى جىدىي سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت