ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇھاكىمىدە، رۇسىيە سىياسىي مۇلاھىزىچىسى پادىراۋنىك خىتايغا مەسلىھەت بېرىپ، خىتاينىڭ ھازىر، شىنجاڭ، تىبەت مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر دەپ باستۇرۇشىمۇ، نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارغا قىلغان مۇئامىلىسىمۇ، تامامەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاپ قالدى، مۇشۇ نەرسىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۇمرانلىققا ئېلىپ بارغان ئىدى، دېگەن.
بۇ مۇھاكىمىدە يەنە، رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىياسىي پروگرامما رىياسەتچىسى شېفچېنكو خىتايغا مەسلىھەت بېرىپ، ئەگەر خىتايمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلسا، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. سوۋېت ئىتتىپاقى پەقەت ئىككى مەسىلە، يەنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرغانلىقى نەتىجىسىدە گۇمران بولغان ئىدى، دېگەن.