خىتايدا 5 يىلدا 660 مىڭ پارىخور ئەمەلدار جازالاندى

خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئىلگىرىكى بەش يىل ئىچىدە پارىخورلۇق-خىيانەتچىلىك قىلمىشى بىلەن جازالانغان ئەمەلدارلار 660 مىڭ بولۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەر 668 مىڭ نەپەرگە يەتكەن.

خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەمىلى ئەڭ يۇقىرى بىرى ئىكەن.

بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 18-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە زەربە بېرىشنى تەكىتلەۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىشىش 1997-يىلدىن كېيىنكى 15 يىلدا بارغانچە ئېغىرلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 15 يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 2 مىليون ئەمەلدار چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش نىسبىتى ھەرقانداق دۆلەتتىن يۇقىرى بولۇپ، پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش خىتاينىڭ ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى خىتاي ئىچىدە پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسا، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدا ھېقىقى دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلمىغىچە پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.