خىتايدا يەنە يەسىلىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 بالا ئۆلگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە تۈنۈگۈن بىر يەسلىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە يەسلى بالىلىرىدىن 3 نەپىرى ئۆلگەن، 20 نەپىرى يارىدار بولغان. ۋەقە شەندۇڭنىڭ زىبو شەھىرى جىنفېڭيۈەن رايونىدا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ۋەقەنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئېنىق ھالدا بۇ خىل ۋەقەلەر خەۋەر قىلىنسا، جەمئىيەتتىكى باشقا نارازى كىشىلەرمۇ، بۇ خىل ھۇجۇمنى دورايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئېغىر پاراكەندىچىلىك كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى 26 ياشلىق بىر خىتاي بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما، دائىرىلەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. خىتايدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى بولغان مەكتەپ ۋە پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق جايلارغا ئارقا - ئارىقىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە. ئۆتكەن بىر قېتىماىق يەسلى بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، يەسلى بالىلىرىدىن 12 نەپىرى ئۆلگەن.