ۋەقە سادىر قىلغۇچى 45 ياشلاردىكى ۋاڭ يۇڭلەي ئىسىملىك بىر دېھقان بولۇپ، ئۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ كۆيدۈرمەكچى بولغان، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. بۇ خىتايدا 3 -ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن بېرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ياكى زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسىنىڭ 5 - قېتىم يۈز بېرىشىدۇر.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى تەيشىڭ شەھىرىدە 46 ياشلاردىكى بىر باسمىخانا ئىگىسى شۇ جايدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە بېسىپ كىرىپ، 29 ئوقۇغۇچى، ئىككى ئوقۇتقۇچى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىنى پىچاقلاپ زەخىملەندۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - مايدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي خەلقئارا يەرمەنكىسىنى باھانە قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە يۈز بەردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەكتەپ قورۇسىنى ھۇجۇمدىن قانداق قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان.