ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان «پىدائىيلار» نىڭ سانى ئاشۇرۇلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خىتاي ستۇدېنتلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرغان.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىشقا قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «پىدائىيلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ كۆچمەنلەرنىڭ سانى 17 مىڭ 600 كىشىگە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2600 كىشى كۆپەيگەن.

خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇلار خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىددىيەتنىڭ تۈپ نېگىزى دەپ قارايدۇ.

ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىغا بارىدىغان خىتاي ستۇدېنتلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىمۇ ئۆستۈرگەن. ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىغا، ئۇلارنى ئىچكىرىدە «قايتا تەربىيىلەش» دەيدىغان سىياسەتنى بەلگىلەپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىدى، مەزكۇر سىياسەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.