خىتايدىكى 14 مىڭغا يېقىن " پىدائىي" ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىشقا تىزىملاتتى

بۇ يىل 14 مىڭغا يېقىن خىتاي " پىدائىي" خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلىشقا تىزىملاتقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 30 - ئىيۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بۇ بىر تۈركۈم "پىدائىي" لارنى قوبۇل قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان " شىنجاڭ خەۋەر تورى" دا كۆرسىتىشىچە، پەقەت بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە خىزمەت قىلىشقا تىزىملاتقان بۇ خىلدىكى "پىدائىيلار" سانى 13 مىڭ 14 نەپەرگە يەتكەن. بۇ نۆۋەت بۇلارنىڭ ئىچىدىن 908 ئادەم تاللىنىپ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

2003 - يىلىدىن ھازىرقىغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 3 مىڭ 488 نەپەر ئاتالمىش " پىدائىيلار" كەلگەن. 2009 - يىلى 8 - ئايغىچە بۇلارنىڭ 1 مىڭ 678 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسلى بۆلۈنگەن ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى "ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش"، "غەربنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدىغان ستۇدېنت پىدائىيلار" دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كادىرلارنى يۆتكەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تېپىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرغانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.