ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 63 مىليون يۇەن ئاجرىتىپ، تۇغۇت چەكلەش پونكىتلىرى ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئەسلىھە سېتىۋېلىپ تەقسىملەپ بەرگەن ۋە 974 خىزمەتچى كۆپەيتكەن (بۇنىڭ 50% ى مەخسۇس سەپلەنگەن 'تېخنىكا خادىملىرى' ئىكەن.) شۇنداقلا يەنە، ئاپتونوم رايون بۇيىچە، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى نامرات جايلاردىكى 11 مىليون 670 مىڭ نوپۇسنىڭ تۇغۇت ئۇچۇرلىرى تىزىملىككە ئېلىنىپ، ئۇچۇر ئىسكىلاتى بەرپا قىلىنغان.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى 21 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر 'شىنجاڭ نوپۇسى 21 مىليون 586 مىڭ 300 گە يەتتى، يىللىق تۇغۇلۇش نېسبىتى 15.99%، ئۆلۈش نېسبىتى %5.43، تەبىئىي كۆپىيىش 10.56% . بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 12 مىليون 944 مىڭ 800، تۇغۇلۇش نېسبىتى 2.0% دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، 2010 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدىغان ۋە ناھايىتى چوڭ نەتىجە قازىنىلىدىغان يىل بولىدىكەن.