خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان ھەربىي ئەمەلدارلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بۈگۈن 800دىن ئارتۇق دەم ئېلىشقا چىققان ھەربىي ئەمەلدار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇلار، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەربىي سەپتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە 2000 - يىلىغىچە ئارىلىقتا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر بولۇپ، بۇلار نۆۋەتتە ئۆزلىرىگە بېرىلىۋاتقان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ يېمەك - ئىچمەكتىن باشقىغا يەتمەيۋاتقانلىقىنى، داۋالىنىش ئىشلىرىدا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى بىلەن كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى نامايىش يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئەمما مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىگەن. بۇ دەم ئېلىشقا چىققان ھەربىي نامايىشچىلار، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 مەزگىلىدە تارقاپ كەتكەن. ئۇلار، ئەگەر مەسىلىسى ۋۇخەندە ھەل بولمىغان تەقدىردە، بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.