بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچى پروفېسسورنى چانايدىغان قورقۇنۇشلۇق ۋەقە يۈز بەردى

بېيجىڭ سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاڭپىڭدىكى شۆبىسىدە بىر ئوقۇغۇچى دەرس ئۆتەۋاتقان پروفېسسورنى قىڭراق بىلەن چانىغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيداننى قامال قىلغان.

يارىلانغان 43 ياشلىق دوتسېنت چېن چۈنمىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قاتىلنى قولغا ئالمىغان. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 6 دە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خىتايدا مائارىپ سېستىمىسىنى چۆچۈتمەكتە.

ئۇنىۋېرسىتېت دائىرىلىرى بۈگۈن ئاچقان ئاخبارات يىغىنىدا، بۇنداق قورقۇنۇشلۇق ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى تىلغا ئالمىغان، ئۇنى پەقەت 'يىگىرمە سەككىزىنچى ئۆكتەبىر ۋەقەسى' دەپ ئاتىغان. شۇنداقلا بۇ ۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن دېلو تەكشۈرىدىغان بىر مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ھازىر قاتىلنى پىسخىلوگىيىلىك داۋالاشقا باشلىغان. نەق مەيداندا بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە چۆچۈپ كەتكەن 20 نەچچە ئوقۇغۇچىغىمۇ پىسخىلوگىيىلىك تەڭشەش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىغان.