ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئاستىدا گەرچە خەلق پۇلى قىممىتىنى ئازراق ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ئىنتايىن ئوچۇق، ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى كۆزىتىشنى داۋام قىلىدۇ» دېگەن.
تېخى يېقىندىلا جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى، ئوبامانىڭ رىقابەتچىسى مىد رومنېيمۇ بۇ مەسىلىدە خىتايغا چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ، «4 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئوباما خىتايغا ئالدىنىپ كەلدى. ئەمما بۇنىڭ بەدىلىنى ئامېرىكىلىق ئىشچىلار تۆلىمەكتە» دېگەن ۋە ئۆزى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە، خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق ئىقتىسادتا قىلىۋاتقان ئادالەتسىز رىقابىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوك بۇ سۆزنى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى كارنىگ ئېندوۋمېنت تەتقىقات مەركىزىدىكى يىغىندا قىلغان. ئۇ بۇ مەركەزدە بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان بىر يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.