خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى خىتايدا مۇنازىرە قوزغىماقتا

خىتاي خەلقئارانىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىش تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى خەلقئارا تاۋار سودىسىدا تەڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيا سودا بازىرىدا نارازىلىقلارنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.26

ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ تەسىرگە ئىگە بىر ئىقتىساد مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر يەر شارى ئىقتىسادىدا ئۆرلەش كۆرۈلسىلا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارىتا جانلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى فەن گاڭ بۈگۈن ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان خىتاي خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "خەلق پۇلى قىممىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق تەڭشەش خىتاينىڭ تاۋار ئېكسپورتىنى زىيانغا ئۇچرىتالمايدۇ " دېگەن.

 ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، نۆۋەتتە خىتاي خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، خىتاينىڭ سودا رىقابەتچىلىرىدە، "خىتاي خەلقئارا سودىدا ئادىل بولمىدى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن خەلقئارا بازاردا پايدا ئېلىۋاتىدۇ " دېگەندەك قاراشلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.