«ۋالسترىرت ژۇرنىلى گېزىتى» خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پۇللىرىنى چەتئەلگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋالسترىرت ژۇرنىلى گېزىتى»نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى پۇللىرىنى چەتئەلگە يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرگەن. ماقالىدە كانادا ۋە ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان زور تۈركۈمدىكى نەق پۇل بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا كىرىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر گېزىتكە 3-يانۋار سەيشەنبە كۈنى بېسىلغان «خىتاي پۇقرالىرى چاماداندا نەق پۇل توشۇيدۇ» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە كانادادىكى تورۇنتو ۋە ۋانكوۋېر ئايرودرومى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەلۇم قىلماي چېگرادىن ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان نەق پۇلىدىن 13 مىليون دوللارنى مۇسادىرە قىلغان. ئامېرىكا ئايرودروملىرىدىكى تاموژنا خادىملىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللەردىن نەق پۇل ئېلىپ كىرىدىغان ئىككىنچى چوڭ مەنبە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە تاموژنا خادىملىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەلۇم قىلماي ئېلىپ كىرگەن نەق پۇلىدىن 5 مىليون دوللارنى مۇسادىرە قىلغان.

ماقالىدە يەنە، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتايدا ئۆز بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنىڭ ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بىر ئامال قىلىپ ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۆتكىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەپسۇسكى، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى پارىخورلۇق ۋە خىيانەت بىلەن بېيىغان بىر تۈكۈم مىليونېرلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن بايلىقىنى چەتئەللەرگە يۆتكەپ چىقىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان خەۋەرلىرى ئارىسىدا يەر ئالماقتا.