ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىمىتي گايتنېر بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ مەزكۇر قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇ، "بۇنى كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش دۇنيا ئىقتىسادىدا بالانس پەيدا قىلىشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇدۇ" دېدى.
خىتاينىڭ مەزكۇر قارارى ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىدە خىتايغا بېسىمنى كۈچەيتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوباما مەكتۇبىدا پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش دۇنيا ئىقتىسادىي ئوبوروتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ئوباما ھۆكۈمىتى ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋەتمىسە خىتاينى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.